خىتاينىڭ ۋىنجۇ شەھىرىدىكى ئىككى نەپەر يەر ئاستى چېركاۋىنىڭ پوپى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىندا قولغا ئېلىندى.
ۋاتىكاندىكى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككى ۋىنجۇلۇق پوپلار ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىدىكى دىنىي مۇراسىمدىن كېئىيىن قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇلار ئىتالىيىلىك بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 1999 - يىلى قولغا ئېلىنغان ۋاقتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.
خىتاي كومپارتىيىسى بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە رۇخسەت قىلمىغان دىنىي سورۇنلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى بىردەك چەكلەيدۇ. ۋاتىكان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا 10 مىليوندىن ئارتۇق كاتولىك بار.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئىككى پوپنىڭ قولغا ئېلىنىشى دەل ۋاتىكان دائىرىلىرى ، بېيجىڭ بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاتىكان پەقەت تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغاندىلا، ۋاتىكان بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)