مەركىزى ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە 2000 ئەتراپىدا خرىستىئان مۇخلىسنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2005- يىلى ماي ئېيىدىن 2006- يىلى ماي ئېيىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ 15 ئۆلكىسىدە يوشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خرىستىئان چىركاۋلىرىدا ئىبادەت قىلغان 1958 كىشىنى تۇتۇپ قامىغان.
خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى خادىملىرى، خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ يوشۇرۇن چىركاۋلاردا ئېلىپ بارغان ئىبادەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇپ، ئىبادەت قىلغۇچىلارنى قىيناپ، ئۇرغان.
باياناتتا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان خرىستئان مۇخلىسلىرىنىڭ قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، 72 ياشلىق ۋە 21 ياشلىق ئىككى ئايال مۇخلىسنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قىپيالىڭاچ سوراق قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
لېكىن، فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنى رەت قىلغان خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، خرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (قانات)