شەرقىي جۇڭگودىكى بىر شەھەردە 3000 دەك خرىستئان مۇرىتى بىلەن بۇ شەھەردىكى بىر خرىستئان چېركاۋىنى چېقىۋەتمەكچى بولغان ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 4 كىشى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى.
جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ساقچىلار خاڭجۇنىڭ شياۋشەن رايونىدىكى بىر خرىستئان چېركاۋىنى چېقىۋەتمەكچى بولۇپ بارغان ۋە بۇ چېركاۋدا ئىبادەت قىلىدىغان 3000 دەك خىتاي خرىستئان مۇخلىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. چېركاۋ قارشىلىققا قارىماي چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەرياندا ئېغىر ۋە يېنىك دەرىجىدە بولۇپ 20 كىشى يارىلانغان.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شياۋشەن رايونىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ چېركاۋنى " قانۇنسىز سېلىنغان بىنا" ئۆرۈۋېتلدى، دەپ چۈشەندۈرگەن، لېكىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىشنى رەت قىلغان. " خاڭجۇ گېزىتى" "قانۇنسىز سېلىنغان بىر بىنانىڭ" چېقىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خرىستئانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. "خاڭجۇ گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە " ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كۈشكۈرتىشكە ئۇچرىغان كىشىلەر جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپ ھالدا سېلىنغان بۇ چېركاۋنى قوغدىماقچى بولدى،" دەيدۇ.
لېكىن جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چېركاۋنى چېقىۋېتىش بۇيرۇقى بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى چىقارغان " قانۇنسىز دىنىي قۇرۇلۇشلارنى چېقىۋېتىش " توغرىسىدىكى ھۆججەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. (ئەركىن)