خىتايدا خرىستئانلار قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئاشلىق ئېلان قىلماقچى بولدى


2006.08.04

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي خىتايدا نەچچە مىڭ خرىستئان مۇرىتى قولغا ئېلىنغان خرسىتئانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئاشلىق ئېلان قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى خاڭجۇنىڭ شياۋشەن رايونىدا بىر چېركاۋنى چېقىۋىتىشكە قارشى تۇرغان خرىستئان مۇرىتلىرىدىن 50 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. خرىستئان مۇرىتلىرى بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا " بىز بارلىق ئەر - ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى ئاشلىق ئېلان قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلار كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا چاقىرىمىز" دەيدۇ.

مەركىزى خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى خاڭجۇنىڭ شياۋشەن رايونىدا بىر چېركاۋنى چېقىۋەتمەكچى بولغان 500 دەك ساقچى بىلەن، بۇ چېركاۋدا ئىبادەت قىلىدىغان 3000 دەك خرىستئان مۇرىتى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 4 ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان ئىدى

. ھۆكۈمەتنىڭ " خاڭجۇ گېزىتى" ۋەقەنى " ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك بىر تۈركۈم كىشىلەر كۈشكۈرتۈپ پەيدا قىلغان" دەپ ئەيىبلىدى. ساقچى تەرەپ چېقىۋەتمەكچى بولغان چېركاۋنى ھۆكۈمەت ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان چېقىۋىتىشكە تېگىشلىك " قانۇنسىز قۇرۇلۇش" دەپ ئېلان قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىزچىل زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.