بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى 'سەنبەنپۇرىن' دېگەن ئائىلىۋىي دىنى تەشكىلاتنىڭ مۇرتلىرى سەندۇڭ، جياڭشى، سىچۇەن قاتارلىق 7 ئۆلكىگە تەرەققى قىلىپ سانى 500 مىڭغا يەتكەندە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقى 2004 - يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ 20 نەپەر ئەزاسى ئۈستىدىن 'ئادەم ئۆلتۈرگەن'، 'ئالدامچىلىق قىلغان' دېگەن جىنايى نام بىلەن سوتقا شىكايەت سۇنغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خېيلۇڭجياڭدىن 20 نەچچە ئادۋوكات بېيجىڭگە كېلىپ بۇ تەشكىلاتنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا بۇ دىني تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن يۇشۇرۇن ھالدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۇم قىلىپ ئىجرا قىلىنغان ئادەم سانى 15 كە يەتكەن. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى شۇاڭياڭسەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ بۇ دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملىرى بۇيىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتىدىن قاراپ چىقىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كاتولىك ۋەتەنپەرۋەرلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 'قانۇنسىز يەر ئاستى تەشكىلات ' دەپ قارىلىۋاتقان رىم پاپاسىغا چۇقۇنىدىغان دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ھازىر خىتايدا 12 مىليونغا يەتتى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېتىراپ قىلمايدىغان خرىستئان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىزچىل ھالدا باستۇرۇپ كەلمەكتە.(ۋەلى)