خاڭجودا سەككىز نەپەر خرىستىيان پوپى جازالاندى
2006.12.24
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خرىستىئانلارنىڭ روجدېستۋو بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا يەنى 23-دېكابىر كۈنى خاڭجۇ شەھىرىدە سەككىز نەپەر خرىستىيان مۇرىتى زوراۋانلىق پەيدا قىلماقچى بولغان، قانۇنغا ئارىلاشقان دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مەزكۇر سەككىز نەپەر خرىستىيان مۇرىتى بۇ يىل 7-ئايدا خاڭجۇ شەھىرىنىڭ داڭ شەن يېزىسىدا قۇرۇلۇۋاتقان بىر چېركوۋنى بۇزۇۋەتكىلى كەلگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان،ئەمما ئۇلارنىڭ يەتتە نەپىرىنىڭ بۇ توقۇنۇشقا قاتناشمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەينى ۋاقىتتا 500 نەپەر ساقچى يېڭى ياسىلىۋاتقان چېركوۋنى بۇزۇۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 3000 دىن ئارتۇق خرىستىيان مۇرىتى قارشى چىقىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ئىدى.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان خرىستىيان دىنى تارقاتقۇچىلارغا بولغان كونتروللۇقنىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، خرىستىيان دىنى خىتايدا تېز تارقالماقتا ئىكەن. خرىستىيان دىنى ئاساسلىقى غەرب تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ياش ئەۋلادلار، زىيالىيلار ھەم يېڭى بايلار تەبىقىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتىشقا باشلىغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)