گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى


2007.05.22

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭشى بوبەي ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ 5 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىڭى تۈنۈگۈن ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولۇپ، 200 گە يېقىن ئادەم قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى يەنى 21 ‏- ماي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر توپىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن، 3000 دىن ئارتۇق ساقچىنى ئىشقا سالغان. لېكىن، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن ھەتتا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا بولغان مۇناسىۋەتلىك گەپ -سۆزلەرنىمۇ پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.

خوڭكوڭ كۈندىلىك گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قاتتىق نارازى بولغان گۇاڭشى بوبەي ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بۇ قېتىمقى قوزغىلىڭىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت 20 ‏- چىسلادىن بۇيان، بوبەي ناھىيىسى ئەتراپىدىكى گۈيگاڭ، بېي ليۇ، ۋە رۇڭشەن قاتارلىق ناھىيىلەردىن كۆپلەپ ساقچى يۆتكەشكە باشلىغان.

بوبەي ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق چىن فامىلىلىك بىر دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر بوبەي ناھىيىسىدە، پۈتۈن يەرگە" يوقالسۇن بوبەي ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى سۇ جيەنجۇڭ،" ۋە " بوبەي ناھىيە باشلىقى خۇئاڭ شاۋمىڭنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك " دېگەندەك لوزۇنكىلار چاپلانغان ئىكەن.

بوبەي ناھىيىسىدىكى چىن فامىلىلىك بۇ دېھقان سۆزىدە يەنە" گەرچە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولسىمۇ، كىشىلەر قەلبىدىكى غەزەپ ئوتى تېخى ئۆچكىنى يوق، ئاڭلىسام خەلقنىڭ غەزىپىدىن چۆچىگەن ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى قاتارلىق بىر نەچچە ئەمەلدار دېھقانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ،ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىپتۇ " دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.