خىتاي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى


2005.03.01

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى ئەيىپلەشلەردىن ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىدىن كىشىلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2004 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ داۋاملىق تۈردە پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئوچۇق- ئاشكارا تەنقىد قىلغان پۇقرالارنى قانۇن سىرتىدا ئۆلتۈرۈش، قىيىن - قىستاققا ئېلىش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن جازالاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ جىيەنچاۋ باياناتىدا، " بىز بۇ دوكلاتقا قەتئىي نارازىلىق ۋە قارشىلىق بىلدۈرىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختۇتۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلسۇن" دەپ بىلدۈردى. لىيۇ جەنچاۋ يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ۋە ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى كۈچەيتىشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.