دوڭ جيەنخۇا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەكچى


2005.03.02

خوڭكوڭدا ئېنگلىزچە چىقىدىغان بىر گېزىت چارشەنبە كۈنى، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى دوڭ جيەنخۇانىڭ مەركىزى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دوڭ جيەنخۇا ئىلتىماس خېتىدە، تەن-سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئويلاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەمما، دوڭ جيەنخۇا ئۆزى ئىستىپا بېرىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، دوڭ جيەنخۇانىڭ يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

كۆپ قىسىم خوڭكوڭ خەلقى دوڭ جيەنخۇانىڭ ئىستىپا بېرىش خەۋىرىنى قارشى ئالغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خوڭكوڭلۇق، " دوڭ جيەنخۇا ئۆتكەن 7 يىلدىن بېرى ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىش خەۋىرى بىز ئۈچۈن خۇش خەۋەر. ئەمما بۇ يەردىكى يامان خەۋەر، ئۇنىڭ ئايىقىنى كىمنىڭ كىيىشى" دەپ بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.