دوڭ سوڭرۈي ۋەقەسىنى "توقۇلما" دېگەن "ئاممىۋى كىنو" ژۇرنىلى ھەربىيلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
2006.08.07
"ئاممىۋى كىنو " ژۇرنىلى، جۇڭگودا خەلق قەھرىمانى، دەپ نام بېرىلگەن دوڭ سۈنرۈينىڭ ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدە مىنا پىلىكىنى قولى بىلەن تارتىپ پارتىلاتقانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقە پەرەز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان توقۇلما، دەپ يازغاندىن كېيىن، بۇ خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
"ئاممىۋى كىنو" ژۇرنىلىنىڭ 8 - سانىدا " دوڭ سۈنرۈي" دېگەن كىنو فىلىمىنىڭ رېژىسسورى گۇ ۋېي، دوڭ سۈنرۈينىڭ پارتلاتقۇچ بومبا پىلىكىنى قولى بىلەن تارتىپ پارتلاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھىكايىنى، "بەزى مىش-مىش گەپلەرگە ئاساسەن پەرەز بويىچە توقۇپ چىقىرىلغان،" دەيدۇ. گۇ ۋېينىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ پەرەزنى ئەينى چاغدا ئۇرۇشتىن كېيىن بەزى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان.
دوڭ سۈنرۈي، كومپارتىيە جۇڭگودا ھاكىمىيەتنىڭ تارتىۋالغاندىن ئاز كەم 60 يىلدىن بېرى بېرى كىشىلەر ئارىسىدا "خەلق قەھرىمانى" دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ماتىرياللىرىدا 1947- يىلى گومىنداڭ قوشۇنى بىلەن بولغان بىر ئىستىھكام ئۇرۇشتا دوڭ سۈنرۈينىڭ دۈشمەن ئىستىھكامىنى پارتىلتىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى.
"ئازادلىق ئارمىيە " گېزىتى، " ئاممىۋى كىنو" ژۇرنىلىنى ئەيىبلىگەن. ھەربىيلەر "مىڭ كىشىلىك خىتابنامىسى" ئېلان قىلىپ، دوڭ سۈنرۈينى قەلبىمىزدىكى قەھرىمان، دەپ ماختىدى ۋە "ئاممىۋى كىنو" ژورنىلىنىڭ ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى بولسا "ئاممىۋى كىنو" ژۇرنىلىنىڭ تەقدىرى ۋە تەرتىپكە سېلىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
"ئەينەك " گېزىتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، جۇڭگو دائىرىلىرىدىن سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ۋە "ئاممىۋى كىنو" ژۇرنىلىنى تەرتىپكە سالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى "خىتاي ئەسىرى" تور بېتىنى تاقىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، مەتبۇئاتنىڭ جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئىشىنى تېخىمۇ چىڭ كونترول قىلشىنى پىلانلىماقتا
- " نيۇ - يورك ۋاقتى"گېزىتى تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىلدى
- خىتاي يەنە بىر ئۆكتىچى يازغۇچىنى قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاۋ يەننى قايتا سوتلايدۇ