خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى: دۇڭجۇ ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 30 دىن ئاشىدۇ

بىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى جۈمە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭجۇ يېزىسىدا نامايىش قىلغان دېھقانلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە 30 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى" دۇڭجۇ قىرغىنچىلىقى دۇڭجۇ پۇقرالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مەقسەتلىك ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى. بۇ ۋەقە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان" دەيدۇ. ئۆتكەن يىلى 6 - دېكابىردا دۇڭجۇ پۇقرالىرى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن بولغان يەر - زېمىن ماجىراسىدا ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازى بولۇپ نامايىش قىلغان. قوراللىق ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ئىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما يېزا پۇقرالىرى ئۈلگەن پۇقرالارنىڭ 30 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى، دۇڭجۇدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ 30 دىن ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكىتلىشىچە، نامايىشچىلار ۋەقە جەريانىدا ساقچىلارغا تەھدىت سالىدىغان ھېچقانداق ھەرىكەتلەردە بولمىغان شۇنداقلا ساقچى تەرەپتىن يارىلانغانلارمۇ يوق ئىكەن.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنى نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق ۋاستىلىرى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى. خىتاي دائىرىلىرى دائىم نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق ۋاستىلار بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى 5- فېۋرال كۈنى غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئادەتتىكى بىر نامايىشىنى قوراللىق كۈچلەر بىلەن باستۇرغان. (ئەركىن)