دۇڭجۇ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ساقچىلار قولغا ئېلىندى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى خۇاڭ خۇخۇا، ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭجۇ يېزىسىدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بەزى نامايىشچىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىر قىسىم ساقچى خادىملىرىنىڭ، بېرىلگەن بۇيرۇقنى توغرى ئىجرا قىلمىغانلىق تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن، سەككىز كىشى يارىلانغان. ئەمما دۇڭجۇ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 20 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ۋەن ۋىيپو گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنۋىي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ھەمدە جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە كىچىك بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققان، دېگەن باياناتىدىن ھەيران قالغان. ئۇ، بۇ بايانات كەڭ ئاممىنى خاتا يولغا باشلىدى، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان، ئاممىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 87 مىڭ قېتىم جەمئىيەت ئىنتىزامىنى بۇزىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەر ھوقۇقى، چىرىكلىك ھەمدە بايلار ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان پەرق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، نۆۋەتتە بېيجىڭدا داۋاملىشىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىللەيدىكەن. (قانات)