كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى دۇڭجۇ ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى 2005 - يىلى 12 - ئايدا يۈز بەرگەن دۇڭجۇ ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شەنۋېي شەھىرى دۇڭجۇ كەنتىدە، بۇ كەنتكە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىغا قارشى چىققان پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتورىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە ساقچىلار پۇقرالارغا ئوق چىقىرىپ ئاز دېگەندە 3 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئوق چىقارغان ساقچىلارغا خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش قاتاتلىق مەمۇرىي جازا بېرىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە 13نەپەر دۇڭجۇ كەنتى پۇقراسى 3 يىلدىن 7 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى مەسىلىنى يېپىۋېتىشنى مەقسەد قىلغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى، " دائىرىلەر ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە تەپسىلاتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدى. بۇ ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگو قانۇنىنىڭ ئادالىتىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىماقتا "دەيدۇ.

دۇڭجۇ ۋەقەسى خىتاي ساقچىلىرى پۇقرالارغا ئوق چىقارغان بىردىن بىر ۋەقە ئەمەس. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە قورا جايىدىن كۆچۈشنى رەت قىلغان نۇرەخمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى يېڭى ھايات تۈرمىسىگە سولاپ قويغان. نۇرئەخمەتنىڭ 20 ياشلاردىكى ئابدۇكېرىم ئىسىملىك ئوغلىغا ئوق چىقىرىپ ئۇنىڭ كۆيۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولغان. (ئەركىن)