خىتاي دۆلەتلىك دورا ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ شاۋيۈ سەيشەنبە كۈنى پارىخورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى . سوت ئۇنىڭغا سەككىز خىل پارىخورلۇق جىنايىتى ۋە ئۈچ خىل خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراش جىنايىتى ئارتقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ، جېڭ شاۋيۈنىڭ پارىخورلۇق يولى بىلەن ئېرىشكەن مال-دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئالتە مىليون 490 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ , بۇ قېتىم ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان ھەمدە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان . خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جېڭ شاۋيۈ سوتتا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، " خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراش جىنايىتى"نى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، جېڭ شاۋيۈ سوت جەريانىدا كۆپ قېتىم خىتاي دۆلەتلىك دورا ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىدارىسىنىڭ دورىلارغا رۇخسەت بېرىش باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ساۋ ۋېنجۇئاڭنى تىلغا ئالغان بولۇپ ، بۇ ئادەم 2002-يىلى جېڭ شاۋيۈنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنىمۇ بېجىرگەن. ئۇ، 2006-يىلى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن جازالانغاندا، جېڭ شاۋيۈنىڭ پارىخورلۇقىنى پاش قىلغان. ئېنىقلىنىشىچە، ساۋ ۋېنجۇئاڭ خىتاي بويىچە رۇخسەت قىلىنغان 170 مىڭ دورا تەستىقلاش نومۇرىنىڭ 150 مىڭىنى ئۆزى بېجىرگەن ئىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، ئەمدىكى سوت نۆۋىتى ساۋ ۋېنجۇئاڭغا كەلگەن.
ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جېڭ شاۋيۈنىڭ ئايالى ۋە ئوغلىمۇ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۈستىدىن جېڭ شاۋيۈ بىلەن بىرلىكتە شىكايەت قىلىنمىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئايالى قويۇپ بېرىلگەن .
خىتاي دۆلەتلىك دورا ۋە يېمەك -ئىچمەكلەرنى نازارەت قىلىش ھەم باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ شاۋيۈ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە ئامېرىكا بىر قىسىم خىتاي دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ ئۆلچەمگە لايىق ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. جېڭ شاۋيۈنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خىتاي مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇش تۈزۈمى قوللىنىدىلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جېڭ شاۋيۈ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارىخورلۇق بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)