خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە "شىنجاڭلىق دوستلار جەمئىيىتى" قۇرغان

"شىنجاڭ خەۋەر تورى" نىڭ 12 ‏-فېۋرال كۈنى "شىنجاڭ گېزىتى" دىن كۆچۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر 7 ‏- ئايدا قۇرۇلغان "شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار دوستلۇق جەمئىيىتى" يېرىم يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى "شىنجاڭلىق دوستلۇق جەمئىيەت" لىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈكى بولۇپ قالغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، "شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار دوستلۇق جەمئىيىتى" دېگەن تەشكىلاتنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھازىرغا قەدەر "شىنجاڭلىق" دېگەن كىملىك بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 1000 دىن ئاشىقان.

2004 ‏- يىلى، رادىئومىزنىڭ مۇخبىرى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغاندا، بىڭتۇەندىن كېلىپ ۋېرجىنيا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان بىر خىتاينىڭ " شىنجاڭلىق يۇرتداشلار جەمئىيىتى" قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار بۇ جەمئىيەتنىڭ نامى ۋە مەقسىتى جەھەتتە كېلىشەلمىگەنلىكتىن قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. (ۋەلى)