دۇنيا بانكىسى خىتايغا بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى پائول ۋولفۇۋېتىس، گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادى تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋولفوۋىتىس سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا، دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتايغا ياردەم پۇلىنى توختاتماسلىق قارارىنى ئاقلاپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ ياردەم پۇلىنىڭ خىتايدىكى نەچچە مىليون پۇقرانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بىر قىسىم تەنقىدچىلەر بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي نەچچە مىليارد دوللار پۇل خەجلەپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بارالىغان يەردە يەنە نېمە ئۈچۈن ياردەمگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىغا سوئال قويغان. ۋولفوۋىتىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى نامراتلار سانى كۆپ ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ، دۇنيا بانكىسىغىمۇ قەرزى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

ۋولفوۋىتىس بۇ قېتىمقى سەپىرىدە خىتايدا ئېچىلغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە دۇنيا بانكىسىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ياردەم پروگرامملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى.

ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋولفوۋىتس شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۇقرالارغا كۆپرەك ھوقۇق بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ خەلقنىڭ ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلغان بىر جەمئىيەتنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئارزۇ)