خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى


2005.03.01

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ، " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى پۇقرالارنىڭ قىلمىشلىرىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. بىراق ھەر قانداق سىستېما ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشى كېرەك" دېگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى قانداق ئىسلاھ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ جەنچاۋ بۇ سۆزنى، ب د ت خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن كىيىن ئېيتقان.

خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى، ساقچىلارغا پۇقرالارنى سوتلىماستىن ئۈچ يىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى سانىلىپ كەلمەكتە ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.