خىتاي باش تەپتىشى، مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى


2005.05.27

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى چيۇ شۆچياڭ، ساقچىلارنى قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى. چيۇ شۆچياڭ، مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرا قىلدۇرۇش، قانۇننىڭ ئادالىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان جىددى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ ئەيىپلىگەن. چيۇ شۆچياڭ بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك تەپتىشلەر يىغىنىدا قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال، دەپ تەنقىدلىمەكتە ئىدى. خىتايدا ئايالىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان بىر ئەر كىشى ئايالىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھايات ئىكەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ، بۇ جەرياندا 11 يىل تۈرمىدە ياتقان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ جىسمانىي قېيىن - قىستاقلىرىغا چىدىمىغان گۇماندار، ئايالىمنى ئۆلتۈردۈم، دەپ يالغاندىن ئىقرار قىلغان. ئەمما ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئايالى باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ ۋەقە خىتايدا كەڭ غۇل - غۇلا قوزغىغان ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2000 - يىلى ساقچىلار قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن زۇلپىقار مۇھەممەتنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغان. ئۇ، سوت مەھكىمىسىدە جىنايىتى رەت قىلىپ، ساقچىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.