خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2006.12.01
جۈمە كۈنى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە سەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئىككى سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا "نيۇ - يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ۋە ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچىڭنىڭ دىلوسى ئۈستىدىن ئايرىم - ئايرىم ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.
سەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيىي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى چېن گۇاڭچىڭنى كىشىلەرنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كۈشكۈرتۈش، جامائەت مال- مۈلكىگە زىيان سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى داۋانى قايتا كۆرۈپ چىقىشقا بۇيرۇغان.
لىنيىي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلىدى. شۇ كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى " نيۇ - يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ يەنگە شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن 3 يىللىق قاماق جازاسىنى كۈچكە ئىگە، دەپ ھۆكۈم قىلدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 8 - ئايدا جاۋ يەننى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. بۇ ئىككى مەھكۇمنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇلارنى "گۇناھسىز" دەپ ئاقلىدى ۋە سوت ھۆكۈمىنى "ئادالەتسىز" دەپ ئەيىبلىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنى تەنقىدلىمەكتە. مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېكىي سپېيگىل، خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈمىنى "قول ئىشارىتىگە قاراپ خەت تېپىش ئويۇنى" دەيدۇ. ئۇ، "بۇ ئادالەت ئەمەس، سىياسەت" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)