گەنسۇ سىياسىي- قانۇن باشقارمىلىرىدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشى جازاغا ئۇچرىدى
2006.12.10
خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ -9 دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ بىر يىل جەريانىدا گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك سىياسىي- قانۇن كومىتېتلىرىدا جەمئىي 4735 كىشى مەمۇرىي ھەمدە قانۇنىي جازاغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئارىسىدا 39 كىشىنىڭ جىنايى قىلمىشى بولغاچقا، ئەدىلىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلغان.
گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي باۋشىننىڭ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا تونۇشتۇرىشىغا قارىغاندا، 2005 - يىلىدىن باشلاپ بۇ يىل 6 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك سىياسىي- قانۇن باشقارمىلىرىدا جەمئىي 861 كىشىنىڭ خىزمەت جەريانىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى پاش بولغان، ئۇلار خىزمەت جەريانىدا ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىنى رۇخسەتسىز ئۆزگەرتىش، ھەمدە ھۆكۈم ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ جازا ئېلان ئىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتايدا پارتىيە ھۆكۈمەت ئىچىدىلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولۇپلا قالماي، قانۇن ئىجرا قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان خادىملىرىنىڭمۇ، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئاشۇرماقتا. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- خىتايدا ھەر يىلى 30 دەك كىشى خاتا ھۆكۈمگە ئۇچرايدۇ
- شېنجېن شەھىرىدە بەش نەپەر سوتچى قولغا ئېلىنغان
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى
- خىتايدا ئۈچ يىل ئىچىدە 67 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار جازالانغان