لو گەن، خىتاينى سوت سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لو گەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قانۇنى جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئادالەتلىك، تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر سوت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لو گەن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 16‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 6‏- يىغىنىدا ئىناق سوتسىئالىستىك جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي ۋە قانۇن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتقان لو گەن، پۈتۈن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى سوتچىلارنى ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى ھېسابلانغان جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ئۇ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پۈتۈن سوتلار، جەمئىيەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلشتا، كۆپرەك قانۇنىي ئەپلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىشلىتىشتە شۇنداقلا سوتنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئېتىبارىنى قوغداشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، دېگەن. (قانات)