خىتاينىڭ ئالەم كېمە تەشۋىقاتى دۆلەت ئىچىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان


2005.10.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش جەريانىنى دۆلەت مىقياسىدا داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلدى.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن خىراجەت كەتكەن بۇ ئالەم كېمىسى پروگراممىسى خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچۈن مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. خىتاي رەھبەرلىرى بۇنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ مىللەتچىلىك روھىنى كۆتىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چېرىكلىك ۋە باي- كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشىدىن كېلىپ چىققان خەلق نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى پەسەيتمەكچى بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى "مۇقەددەس كېمە 6 - بەلگىلىك" ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى چارشەنبە كۈنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانى خىتاي تېلېۋىزورلىرىدا نەق مەيداندىن بېرىلىپ، دۆلەت مىقياسىدا ئۇنى كۆرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

بۇ خىتاينىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئىككىنچى قېتىم قويۇپ بېرىشى. تۈنجى قېتىملىقى 2003 - يىلى ئۆكتەبىردە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.