خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىقلىرىغا كۆز تىكمەكتە


2005.07.25

"ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنى خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئېنېرگىيە ۋە تەببىي بايلىقلار تەمىنات بازىسى قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتىكەن.

يېقىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار ھەمكارلىقى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى.

ۋۇ يى ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا جوڭگو نېفىت خىمىيە سانائەت شىركىتى ئۆزبېكىستان بىلەن نېفىت ساھەسىگە بەش يىلدا بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ جوڭگو نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ نامەنگان، پەرغانە ۋە ئەنجانلاردا نېفىت قىدىرىش مەشغۇلاتىغا 600 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. "ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئەنجان ۋەقەسىدە كېرىموف ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنىڭ مۇكاپاتىكەن.

خىتاي ئۆزبېكىستان بىلەن بىرگە تۈركمەنىستان بىلەن قازاقىستانلارنىڭ نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىغا كۆز تىكمەكتە. ۋۇ يى تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلغاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنىڭ خىتاي ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، قازاقىستاندا خىتاي - قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ۋە خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، خىتاي قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.