خىتاي شىركىتىنىڭ ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىش تەكلىپى رەت قىلىندى

بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا نېفدىت شىركىتى ئېكسان موبىلنى 450 مىليارد دوللارغا ‎سېتىۋېلىش تەكلىپى ئېكسان موبىل تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ ‎قىلغان خىتاي شىركىتىنىڭ ئىسمى كىڭ ۋىن لاۋرېل بولۇپ، مەزكۇر شىركەت يېقىندا ئامېرىكا ‎ئاكسىيە ۋە سودا كومىتېتىغا ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئېكسان ‎موبىلنىڭ ھەر بىر پاي چېكىنى 70 دوللاردىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ب ب س ‎نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېكسان موبىل، كىڭ ۋىن لاۋرېل ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ "مالىيە ‎كۈچى" ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىشقا يېتىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن. ‎

ئېكسان موبىلنىڭ باياناتچىسى، " بىز كىڭ ۋىن لاۋرېلنىڭ مالىيە كۈچى بۇ سودىغا ‎يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز،" دەپ تەكىتلىگەن. مەركىزى تېكساس شتاتىدىكى ئېكسان موبىل ‎شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بىرى. ئېكسان موبىلنىڭ ئېلان ‎قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئۆتكەن پەسىلدە 9 مىليارد 900 مىليون دوللار كىرىم قىلغان. ‎

ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئىھتىياجىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ يىلنىڭ ‎باشلىرىدا جوڭگو دېڭىز ئوكيان نېفىت شىركىتى ئامېرىكا يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى 18 مىليارد ‎‎500 مىليون دوللارغا سېتىۋالماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا سىياسى ساھەسىدىكى ‎زاتلارنىڭ نىڭ قارشى چىقىشى ئاستىدا يۇنىكالنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن. ‎

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىڭ ۋىن لاۋرېلنى مەبلەغ بىلەن ‎تەمىنلەش ئىھتىمالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن. روتېرس ئاخبارات گېنتلىقى، مەزكۇر ‎شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرېسى بېيجىڭدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 20 قەۋەتلىك بىر ‎بىنادا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. (ئەركىن)‎