تۈركمەنىستان ۋە رۇسىيە، ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.
تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نيازوفنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىم، ئىككى دۆلەتنىڭ تەبئىي گازىنى دۇنيا بازارلىرىغا بىرلىكتە يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇچراشقان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف، تۈركمەنىستان ياۋرۇپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار، دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرىنىڭ يەنە قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، لېكىن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف، رۇسىيە تەبئىي گازدىن سىياسىي قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا رۇسىيە، ئوكرائىنا بىلەن كېلىشەلمەسلىك تۈپەيلىدىن ياۋروپاغا ئەۋەتىۋاتقان تەبئىي گازىنى توختاتقان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركمەنىستاندا قاتتىق قوللۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پرېزىدېنت نىيازوف، ئاپرىل ئېيىدا خىتاي بىلەن بىرلىكتە بىر تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساش كېلىشىمىگە قول قويۇش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. (قانات)