خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھىندىستان ۋە لىۋىيەلەردە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان
2007.03.15
خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت تۇرۇبا ئىدارىسى، ھىندىستاندا 1600 كىلو مېتىرلىق گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل يانۋاردا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا لىۋىيەدىمۇ 7. 7 كىلومېتىرلىق تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا توختام تۈزگەن. لېكىن ئۇلار قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان. خىتاي نېفىت شىركەتلەرنىڭ چەئەللەرگىچە كېڭىيشدىكى سەۋەپ بولسا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا لازىملىق نېفىت ۋە گاز مەنبەلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىكەن.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ خادىمى ۋاڭ خۇ مۇخبىرلارغا "گەرچە شىركىتىمىزنىڭ لىۋىيەدە قۇرۇۋاتقان تۇرۇبا لىنىيىسى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن بۇ لىۋىيەدە كەلگۈسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇش قىلىدىغان چوڭ توختام تۈزۈش پلانىمىزنىڭ بىر قىسىمى"، دەيدۇ.
خىتاي بۇ ئايدا لىۋىيە نېفىت ۋە گاز سانائىتىگە مەبلەغ سالىدىغان خىتاي شىركەتلىرى باج كەچۇرۇمىگە ۋە باشقا رىغبەتلەندۈرۈسلەگە ئېرىشدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قۇرغان قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇ نېفىتلىكىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى 2006 يىلى شقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ 2010 يىلغىچە يىللىقى توشۇش مىقتادىرىنى 20 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش پىلانلىنىۋىتىپتۇ.
يەنە خىتاينىڭ بۇ شىركىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدىن لەنجۇغىچە 1859 كىلو مىتېرلىقى تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاماملىغان بولۇپ، يەنە 8 مىليارد يۇەن مەبلەغ سېلىپ، ئېككى تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇپ چىقىدىكەن.
بۇ تۇرۇبىلارنىڭ بىرى خام نېفىت توشۇشقا يەن بىرى نېفىت مەھسۇلاتلىرى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم نېفىتلىكىدىن مايتاققا ۋە لەنجۇغا ئۇلىنىدىكەن.
خىتاي يەنە گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە قازاقستاننىڭ خام نېفىتنى ساقلايدىغان، خىتايدىكى5- سىتراتىگىيلىك نېفىت ئامبىرى قۇرۇشنى پلانلاۋاتاقان بولۇپ، بۇ نېفىت ئامبىرى 10 مىليون توننا نېفىتنى سىغدۇرايلادىغان بولۇپ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئامبىرى ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي چەتئەلدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كېنىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
- خۇ جىنتاۋ سۇدان پرېزىدېنتى بىلەن دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- نىگېرىيىدە خىتاي ئىشچىلىرى يەنە گۆرۈگە ئېلىندى
- خىتاي ئافرىقىدا يېڭى مۇستەملىكىچىلىك يولغا قويۇۋاتامدۇ؟
- فرانسىيە خىتاينى ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلىمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى