فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 3 -ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2010 - يىلغا قەدەر كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خىتايدىكى نېفىت تۇرۇبا لىنىيىلىرىنى 60 پىرسەنت كېڭەيتىدىكەن.
خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيسى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تاڭ يالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش ئىككىنچى قېتىملىق تۇرۇبا لىنىيسى قۇرۇلۇشى ھەققىدە تەتقىقات يىغىنى ئېچىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن " بۇ لىنىيە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇ تۇرۇبا يىلىغا 30 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز توشۇيدۇ ".
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى تەبىئىي گاز زاپىسى مول ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە تۇتاشتۇرىلىدىكەن.
2004- يىلى خىتاي غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش بىرىنچى قېتىملىق تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاماملىغان ئىدى. بۇ خىتايدىكى زور تىپتىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىكلىرىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا تۇتاشتۇرغان. (جۈمە)