ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرا يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كېلىپ، خىتايدا بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ياپونىيىگە قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە، "يېقىنقى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ۋە ياپونىيىگە قارشى كەيپىلاتلار كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي بولۇشىنى ۋە ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى.
بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، " بۇ خىل ۋەزىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ياپونىيە تەرەپتە" دېدى. لى جاۋشىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سورىغىدەك ئىش قىلىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە، ياپونىيە ، تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تارىخىي مەسىلىلەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ئاغرىتقان ئىكەن.
نۆۋەتتە ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يىرىك مەزگىلگە قەدەم قويدى. بۇ ئارىدا، ياپونىيىنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ياپونىيىگە تەۋە ئىقتىسادىي رايون ئەتراپىدا تەبىئىي گاز قېدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى خەلقئارا سوتقا سۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئۈچ ئورۇندا تەبىئىي گاز بايلىقىنى قېدىرىش پروگراممىسىنى باشلىشى، ياپونىيىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىر ياپون شىركىتىگە بۇ رايوندىكى نېفىت ۋە تەبىي گازنى سىناق يوسۇندا ئېچىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكى، ياپونىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)