ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سودا كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا كارخانا ساھەسىدىكى ئەرباپلار خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىياسىتىنى كەسكىن تۈردە تەنقىد قىلدى.
دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بولسا بۇش ھۆكۈمىتىنى بۇ يىل خىتايغا سودىدا تەدبىر قوللۇنۇشقا چاقىردى. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ جىددى ئىنكاسىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا كىنوچىلىق، نەشرىياتچىلىق، ياسىما، دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئەربابلار، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتايدا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىلىشىغا كۆز يۇمدى، دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا كىنوچىلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى دەن گلىكمان، "خىتاينىڭ ھەر قانداق شەھىرىدە ئەڭ يېڭى ئامېرىكا كىنو -فىلىملىرىنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسالغان فىلىم ئۆزەكلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن،" دەيدۇ. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش نىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى شارلود خانىم يىغىندا ئىسپات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئاغىزىدا كۆچۈرمىچىلىككە قارشى تۇرىمىز دېسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، "خىتاي ئالى مەكتەپلىرىدە ئامېرىكا ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ باسماقتا،" دەيدۇ.
نۆۋەتتە ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغان كارخانىلارنى ۋاسىتىلىق قوللىماقتا، دەپ ئەرز قىلغان. (ئەركىن)