خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىنى ئىنكار قىلدى

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قىلغان تەنقىدىنى رەت قىلىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەملىكەت ئىچىدە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشلىرىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتە ئىزچىل چەكلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دۆلەت دەرىجىلىك نەشرىيات ئورنىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا بولغان تەنقىدىگە قايىل بولماي بۇلتۇر خىتايدا كۆچۈرۈپ سېتىلغان 7000 دىن ئارتۇق دۋد ۋە كىتابلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، " ماركا ئوغرىلاش ۋە كۆچۈرۈپ سېتىش مەسىلىسى پەقەت خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مەۋجۈت، بۇنى بىر خەلقئارالىق مەسىلە دەپ قارىساق بولىدۇ ، مەسىلەن، ھازىر كانادادىمۇ بۇ خىل كۆچۈرۈپ سېتىش مەسىلىسى ئوخشاشلا مەۋجۇت" دەپ كۆرسەتتى.

ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەقلىي مۈلۈك مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينىڭ ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنغان. مەزكۇر ئەرزدە، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىنو - فىلىمى، مۇزىكىسى ، كىتاب ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ خىتايدا خالىغانچە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. (مىھرىبان)