ئەر-ئايال نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاي رەھبەرلىرىنى ئەندىشلەندۈرمەكتە
2007.08.25
خىتايدا كۈنسىرى جىددىيلىشىۋاتقان ئەر-ئايال نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە، بۇ مەسىلىنىڭ جىددىلىكىنى سەزگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىندا، ئەر-ئايال نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تېخىمۇ جىددىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى تەدبىرلەر قوللۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە خىتايدا ئاللىقاچان جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاللاپ بالا ئېلىش سەۋەبىدىن، ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى قىزلارغا قارىغاندا تېز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىيانيۇڭگاڭ شەھىرىدە سەككىز ئوغۇل بالىغا 5 قىز توغرا كېلىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈپەيلى، بىرلا بالا ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە خىتاي ئائىلىلەر، بالا ئوغۇل بولسا ئېلىپ، قىز بولسا ئالماسلىق يولىنى تاللىغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بالىنىڭ جىنسيىتىنى ئالدىن ئېنقلاشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار دوختۇرلارغا پارا بېرىش ئارقىلىق، بالىنىڭ جىنسىيىتىنى ئالدىن بىلىۋېلىپ، ئەگەر قىز بولسا بالىنى ئالدۇرۇۋىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ خىتايدا ئەر-ئايال نىسبىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ تەڭپۇڭسىزلىق كۈنسىرى جىددىي تۈس ئالماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئەھۋال خىتاي رەھبەرلىرىنىمۇ ئەندىشىلەندۈرمەكتە ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللارنىڭدىن 37 مىليون كۆپ ئىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قوپال شوئارلارنى چەكلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلىدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردىن چىقىرىلىشىنى چەكلىدى
- خۇنەن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئالماقچى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى
- خىتايدىكى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە جەمىيەت زوراۋانلىقىنىڭ مەنبەسى