ئەرز سۇنغۇچىلار، داۋاملىق تۈردە بېيجىڭغا كەلمەكتە


2005.03.13

بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان دېھقانلار، خىزمەتتىن بوشۇتۇلغان ئىشچىلار ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر بېيجىڭغا كېلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بىر قىسىم ئەرز سۇنغۇچىلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر خېنەندىن كەلگەن ئىشچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ خېنەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يىگەن بولۇپ، گەرچە يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمىغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بېيجىڭغا كەلگەن.

بىراق ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ياكى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش تەغدىرىگە دۈچ كەلمەكتە.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 - ئايدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن خەلقلەرنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى يەرلىك ئورگانلار ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، يەرلىك ئەرزدارلارنىڭ يولىنى توسقان، ھەتتا ئۇلارنى مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرغان.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە يېقىندا نۇرغۇن ئەرزدارلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى يىغىن جەريانىدىكى ئىش- ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شاڭخەيدىكى مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن ئادۋوكاتلار قىلىپ قولغا ئېلىنغان جى ئىنلوڭنىڭ ئايالى، "چىمىڭ" تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لى جيەنخۇڭ قاتارلىقلار بار ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.