تەيۋەن ئىتتىپاق پارتىيىسى، ليەن جەن ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقنى ياقىلايدىغان تەيۋەن ئىتتىپاق پارتىيىسى، گومىنداڭ رەھبىرى ليەن جەن ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىنىڭ تەيۋەن قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر پارتىيە يەنە ليەن جەننىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تەيۋەننىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 113 -ماددىسىغا خىلاپ يەنى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋالدا چەتئەل كۈچلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

تەيۋەن ئىتتىپاق پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى چېن چيەنمىڭ سۆزىدە، "ليەن جەننىڭ بېيجىڭدا خۇ جىنتاۋ بىلەن كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. ئۇ تەيۋەن دۆلىتى ۋە تەيۋەن خەلقىغە خائىنلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندۇق" دەپ بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، خەلقنىڭ تەيۋەندىكى دېموكراتىيىدىن پەخىرلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتى جەريانىدا فىجىدا توختاپ ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئانالىزچىلار بۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.(پەرىدە)