تەيۋەن ئالى سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئەرزىنى رەت قىلدى

تەيۋەن ئالى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، گومىنداڭ ۋە خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ 2004 - يىلدىكى تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىش توغرىسىدىكى ئەرزىنامىسىنى رەت قىلدى.

ئالى سوت مەھكىمىسى، ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش توغرىسىدىكى ئەرزى يىتەرلىك ئاساسقا ئىگە ئەمەس، دەپ قارىغان. تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسى ، چېن شۈيبيەن بىلەن لۈي شيۇليەننىڭ سوت مەھكىمىسى قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، داۋاگەرلەر، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە قارارىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەمما سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى مەمنۇن قىلالمىغان. گومىنداڭ پارتىيىسى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خەقلپەرۋەرلەر پارتىيىسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىتى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، دېدى. ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، ئۆكتىچىلەرنى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

2044 - يىلى 20 - مايدىكى تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپا كۈنى، چېن شۈيبيەن بىلەن لۈي شيۇليەن نامەلۇم بىر كىشىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان. بىر كۈن كېيىنكى سايلامدا گومىنداڭ بىلەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسى مەغلۇپ بولغان. ئەمما بۇ ۋەقە ئۆكتىچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، مەركىزى سايلام كومىتېتى ۋە ئالى سوتنىڭ سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)