شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، شاڭخەي دائىرىلىرى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆيلىرى تارتىۋىلىنغان بىر تۈركۈم داۋاگەرلەرنى تۇتۇپ سولاپ قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا قاراتقان دىققىتىنى يەنى بىر قېتىم ئۆزىگە تارتتى.
ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 15 - ئىيۇن كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۇلۈۋاتقاندا، شاڭخەي ھۆكۈمىتى 60 مىڭ ساقچىسىنى ئىشقا سېلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا سالغان ۋە شاڭخەيدىكى ساقچىلار پۇدۇڭ رايونىدا چارلاش ئېلىپ بارغان .
ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۋىتىلگەن، ۋاڭلى مۇخبىرلارغا بۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى شاڭخەي شەھىرى جىددىيلىك كەيپىياتىغا چۆمگەنلىكىنى، پەقەت بىر كۈن ئىچىدىلا 20 دىن ئارتۇق داۋاگەر سولاپ قويۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ئۈچ داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت خىزمەت ۋە تۇرمۇش سەۋەبىدىن قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، ھەتتا بىر قىسىم رايون ۋە كوچىلاردا قاتناشنى توختاتقان. (ئەقىدە)