خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان كومپارتىيىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 6 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ساقچىلارنى يىغىن زال مەيدانى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى مەزكۇر يىغىننىڭ بىخەتەر داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندىگەن.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم بېيجىڭدا 16 - نۆۋەتلىك 6 - قېتىملىق قۇرۇلتاي ئېچىلىش جەريانىدا، يىغىن مەيدانى ئەتراپىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەرز قىلغۇچىلار سانى نەچچە يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن شۇنداقلا يۈز بەرگەن ئاممىۋىي ۋەقەلەرمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن زال مەيدانى ئەتراپىدىكى ساقچىلار مىڭلىغان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى ئۇرۇپ ھەيدىگەن ھەمدە ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنى قولغا ئالغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭغا كېلىپ يۇقىرىلاپ ئەرز قىلماقچى بولغان خۇاڭ ئەپەندى ساقچىلارنىڭ ھەتتا بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق كىنىشكىسى يوقلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قوغلىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
خۇاڭ ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم قۇرۇلتاي ئېچىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بېيجىڭغا كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈنسېرى چىرىكلىشىپ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنماقچى بولغانلار ئىكەن. (مېھرىبان)