ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 6 - ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن "6 تەرەپ سۆھبىتى" دىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان 3 نەپەر ھوقۇق قوغدۇغۇچىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاي سوتى تەرىپىدىن سوتلانغان.
جوڭگۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شاڭخەيلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچى ئەرزدارلاردىن تەن باۋچېڭ، دۇ ياڭمىڭ ۋە ۋاڭ شۇيجېن قاتارلىق 3 كىشى، سوت تەرىپىدىن " قەستەن قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان " دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم 2 يېرىم يىللىق ۋە بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تەن باۋچېڭنىڭ ئايالى جاڭ سۇيپىڭ، خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا يېڭىلىق ياراتقان خىتاي رەھبىرى جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بىر يېرىم يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا تارتىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇ ياڭمىڭ 60 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئۆيدىن كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان، بۇ تۈپەيلى 3 قېتىم قولغا ئېلىنىپ، بىر يېرىم يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازسىغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە تۈرمە ساقچىلىرى دۇ ياڭمىڭنىڭ ھەر كېسەللەرگە گىرىپتار بولىشىغا قارىماي ئۇنى قاتتىق قىيىن - قىستاققا ۋە ئېغىر ئەمگەككە سالماقتا.
ۋاڭ شۇيجېنمۇ، 2003 - يىلى "قەستەن قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقان.
مەركىزى نيو-يوركتىكى جوڭگۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، شاڭخەي سوت دائىرىلىرىنىڭ، ئەرزدارلار ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ يولسىز سىياسىتى تۈپەيلى، نارازلىق بىلدۈرگىچىلەرنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. (ئەقىدە)