شاڭخەيلىك ئەرز قىلغۇچى ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، شاڭخەيدىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلماقچى بولغان دۇەن خۈيمىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا كەلگۈچىلەر ئۈزۈلمىگەن. لېكىن ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ۋە قاماپ قويۇلغان.

دۇەن خۈيمىننىڭ ئىنىسى دۇەن رۇفىينىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، دۇەن خۈيمىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى شاڭخەيدىكى دوختۇرخانا جەسەتخانىسىنىڭ توڭلاتقۇسىغا سېلىنغان پېتى تا ھازىرغىچە، ئۇرۇق -تۇغقان ۋە دوس - بۇرادەرلىرىگە كۆرسىتىلمىگەن.

ساقچىلار ھەتتا دۇەن خۈيمىنگە تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلگەن داۋاگەرلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ساقچى ماشىنىلىرىنى توختىتىپ قويغان. شۇنداقلا ئىشىك ئالدىدىكى ساقچىلار سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار كېچە ‏-كۈندۈز 24 سائەت نازارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

گەرچە دۇەن خۈيمىننىڭ ئۆلۈشى داۋاگەرلەر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، نارازىلىقلارنى قوزغىغان بولسىمۇ، يەرلىك مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. (مېھرىبان)