ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۈشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا ئارقا - ئارقىدىن ئەرزدارلارنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئەرزدارلارنىڭ يىغىلىش ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن زور تۈركۈمدە ساقچى كۈچىنى ئىشقا سالغان.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى مىڭدىن ئارتۇق كىشى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۈر ۋەقە 7 مىڭ كىشىنىڭ ئورمان سېتىۋىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش دېگەن باھانە بىلەن ئالدانغانلىقى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن.
ئۆتكەن ھەپتە يەنە بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونىدا مەجبۇرىي ئۆيىدىن كۆچۈرۈلگەن 50 نەچچە ياشلىق ئەر - ئايال ئۆزلىرىگە ئوت قويۇپ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان ئەر نەق مەيداندا ئۆلگەن، ئايال ھازىرغا قەدەر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتۇقۇزۇشتا ئىكەن. يەنە بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرى بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ قويغان، بۇ ئايالنىڭ كىملىكى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا ، ئەرزدارالارنىڭ پايتەختنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەر قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. (ئەقىدە)
