بارروسو: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئەمەس


2005.07.18

ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى خۇسېي مانۇئىل بارروسونىڭ دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن، تېخنىكا جەھەتتىكى نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇ، مۇلازىمەت ساھەسى، پۇل - مۇئامىلە ۋە بانكا، چەتئەل شىركەتلىرىنى چەتكە قېقىشنى توختىتىش شۇنداقلا ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، يەكشەنبە كۈنى شاڭخەينى زىيارەت قىلىپ، ئېنىرگىيىنى ئىسراپ قىلىش، پاتېنت ھوقۇقى ۋە خىتايدا رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى، دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ رىقابەت، ئىقتىسادى باش كۆتۈرۈۋاتقان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. بارروسونىڭ خىتايدىكى زىيارىتى 14 - ئىيۇلدا باشلانغان. ئۇ، 15 - ئىيۇلدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

بارروسونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇزۇن - مۇددەتكىچە مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش ياكى قالالماسلىقى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنى قانچىلىك كېڭەيتىشىگە باغلىقكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.