خىتاي ئەيدىز مەھبۇسلار ئۈچۈن تۈرمە سالىدىغانلىقىنى رەت قىلدى
2005.11.17
بېيجىڭ دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان مەھبۇسلار ئۈچۈن ئايرىم تۈرمە سالىدىغانلىقىنى رەت قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "جۇڭگونىڭ بۇ خىل ئالاھىدە تۈرمىلەرنى سېلىش پىلانى يوق" دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ زۇۋانى بولغان "جۇڭگو گېزىتى" دۈشەنبە كۈنى گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان مەھبۇسلار ئۈچۈن مەخسۇس تۈرمە سېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئاز دېگەندە ئىككى تۈرمە سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان".
"جوڭگو گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، گۇئاڭدۇڭ بويىچە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مەھبۇسلار 20 ئەتراپىدا بولۇپ، 518 نەپەر مەھبۇس ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.
"جۇڭگو گېزىتى" يەنە گۇئاڭدۇڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "ئەيدىزنىڭ مەھبۇسلار ئارىسىدا يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆلكە دائىرىلىرى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان مەھبۇسلارنى مەخسۇس تۈرمىگە يۆتكەيدۇ" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما ليۇ جيەنچاۋ، " جۇڭگو تۈرمە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان مەھبۇسلارنى ھەقسىز تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇلارغا تىببىي ياردەم بېرىدۇ" دېدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي بويىچە 840 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاز دېگەندە بىر مىليون دېھقان بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى: جوڭگودا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 120 مىڭدىن ئاشتى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە زىيان سالماسلىققا چاقىردى
- سىچۈەن سوتى قىيىن- قىستاق ئارقىلىق ئېرىشكەن جىنايى پاكىتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى