خىتاي دائىرىلىرى ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات خۇ جيانى رەسمىي ئەيىبلىدى

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مەشھۇر زات خۇ جيانى " دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش" جىنايىتى بىلەن رەسمىي ئەيىبلىدى. خۇ جيانىڭ ئادۋۇكاتى لى فاڭپىڭنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خۇ جيانىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئۇنى رەسمىي قولغا ئالغان ھەم خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىنيەنگە قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرغان.

خۇ جيا، ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى زېڭ جىنيەن ۋە قۇچاقتىكى بوۋىقى ئائىلىسىدە نەزەربەنت قىلىنغان ئىدى. ساقچىلار پەيشەنبە كۈنى خۇ جيانىڭ ئاتا- ئانىسىنى ئوغلى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنىڭ خۇ جيا بىلەن كۆرۈشۈشىگە ھازىرغا قەدەر رۇخسەت قىلمىدى. خۇ جيا ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات سۈپىتىدە نام چىقىرىپلا قالماي، ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ ئۆي - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن نام چىقارغان ھەم 2007 - يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ "ساخاروۋ" تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

خۇ جيانىڭ قولغا ئېلىنىشى غەرب ئەللىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خۇ جيانىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان. خۇ جيانىڭ قولغا ئېلىنغان ۋاقتى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا ئۈندەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. شۇ تۈپەيلى بۇ ۋەقە غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىدى. (ئەركىن)