ئامېرىكا ئەلچىسى خىتاينى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى


2005.12.06

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كلارك راندت، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.

كلارك راندت، خوڭكوڭدا ئامېرىكىلىق كارخانىچىلارغا " بىز ئىنتېرنېت يوللانمىلىرىغا قويۇلغان چەكلىمە ۋە ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن بىئارام بولۇۋاتىمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئەمگەك ۋە سىياسى ئاكتىپلار، تەرەپسىز دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۆكتىچىلەرنى نەزەربەند قىلغانلىقىدىن نارازى بولغان ئىدى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى "پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاۋاتىمىز،" دەپ ئاقلىماقتا. كلارك راندت، "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش خىتايدا يەنىلا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلە،" دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش، مۇخبىرلارنى تۈرمىگە سولاش، دىندارلار ۋە ئىلمىي خادىملار ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەندەك ناملار بىلەن جازالانماقتا.

راندت، بېيجىڭنىڭ مۇقىملىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بېيجىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇپلا قالماي، چەتئەل تەشكىلاتلىرىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.