خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ مەتبۇئات كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك سابىق ئەمەلدارلىرى ۋە زىيالىلار يېقىندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ بىرلەشمە باياناتنى پېنسىيىگە چىققان 13 نەپەر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزالىرى يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ماۋ زېدوڭنىڭ سابىق كاتىپى لى رۈي، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق تەشۋىقات مىنىستىرى جۇ زېخۇ ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق باشلىقى لى پۇ قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ئۇلارنىڭ بۇ باياناتى چارشەنبە كۈنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇلار باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھالدا قانۇنسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكنى بۇنداق بوغۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر باياناتتا، " خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى 'تەشۋىقات' سۆزىنى 'كونترول قىلىش' مەنىسىگە ئىشلىتىۋالدى" دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ كۆز قارىشىنى كونترول قىلىش مەقستىدە، پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش، قارا تىزىملىككە ئېلىش ۋە مەخپىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن ھەمدە "بۇ ھەرىكەتلەر، قانۇن دائىرىسىدىن تامامەن ھالقىغان، قوپال ۋە بىمەنە ھەرىكەتلەردۇر" دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ بايانات ئاساسلىقى، ياشلار گېزىتىنىڭ " بىڭديەن" دەپ ئاتالغان ھەپتىلىك سانىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىگە نارازى بولۇپ چىقىرىلغان. خىتايدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چوڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ گېزىت، جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى جۈرئەتلىك بىلەن پاش قىلغانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)