خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن فالۈنگۇڭ ھەرىكىتىنىڭ مۇرىتلىرى گرېتسىيىگە ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىشىنىڭ ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008 - يىلى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.
فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى، گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنا شەھىرىدىكى مۇخبىرلار كۈتۈۋەلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى. ياۋرۇپادىكى فالۈنگۇڭ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ ۋىنشىن مۇخبىرلارغا "ئولىمپىك بايرىقى ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايغا تاپشۇرۇلىدۇ. بىراق خىتاي ئەڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققىمۇ خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەت، شۇڭا خىتايدا ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلغىچە بولغان كېيىنكى تۆت يىل ئىچىدە، خەلقارا جەمئىيەت چوقۇم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك" دىدى.
ئىككى گرېتسىيىلىك فالۈنگۇڭ مۇرىتى يەنە ، خىتايدىكى جىياڭ زېمىن ۋە لى لىيەنچىڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن گرېتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. ئەمما ئافىنادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن گرېتسىيىگە كېلىدىغانلىق خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. 2004 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، خەلقارا تىبەت ھەرىكىتىنى قوللاش تورى تەشكىلاتىمۇ خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنى، خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق شەرتىنى قوشۇشقا چاقىردى.(ئارزۇ)