توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ فالوڭ گوڭ جەمىيىتى توغرىسىدىكى قارارى تەنقىد قىلىندى
2004.08.30
ياپونىيە نىڭ پايتەختى توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىغىغا قارىماي ، -27 ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىدىكى فالوڭ گوڭ جەمىيىتىنى ، ئاممىغا خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات دەپ ئىتراپ قىلىپ ، بۇ جەمىيەتكە ياپونىيىدە ئەركىن - ئازادە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ھۇقۇقى بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى .
ياپونىيە دىكى خىتاي باش ئەلچىلىكى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان باياناتتا ، خىتاي ھۆكۈمىتى توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدو، دىيىلگەن .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ياپونىيىدىكى فالوڭ گوڭ جەمىيىتى ، فالوڭ گوڭ تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە شۈبىسىدىن ئىبارەت بىر تەشكىلات بولۇپ ، ئۇلار فالوڭ گوڭ تەرىقىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لى خوڭ جىنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش ئېلىپ بىرىپ ، ھەر جەھەتتە ئۇنىڭ بويرۇقلرىغا مۇتلەق بوي سۇنىدىكەن.(قانات)