خىتاي فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
2006.04.12
خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى كۈچلۈك رەت قىلدى. خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سەھىيە ئىدارىسى ئەمەلدارى بۇ ھەقتىكى بايانلارنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فالۇنگوڭ تەشكىلاتلىرى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، نەچچە مىڭ فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىغا سولانغانلىقىنى، بۇ دوختۇرخانىنىڭ فالۇنگوڭچىلار ئۈچۈن بىر "يىغىۋېلىش لاگىرى" بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ بۇ فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھەرلىك دوختۇرخانا خادىمى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، بۇ رايوندا ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى يوق بولۇپلا قالماي، ھەتتا بۇ خىل ئوپىراتسىيىسىنى قىلىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭمۇ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چەتئەللەردىكى فالونگوڭچىلارنىڭ 3-ئايدىن باشلاپ بۇ خىل سۆز-چۆچەكلەرنى تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئەمەلىيەتكە قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
فالۇنگوڭچىلارنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلىرىدە، بۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا سولانغان 6 مىڭغا يېقىن فالۇنگوڭچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەجرىبە ئوبىكتىغا ئايلانغانلىقى ھەمدە ئىچكى ئەزالىرىنى ئىشلىتىپ بولغان فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىيىن-قىستاق ئىشلىرىغا قارشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نوياك ئەپەندى، ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لوندون شەھەر باشلىقىنىڭ بېيجىڭدا قىلغان سۆزلىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللىدى
- خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى توسۇش ئۈچۈن قۇرغان «ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى» نىڭ ماھىيىتى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتايدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 27 كىشى ئۆلدى