فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىش پىلانى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
-
2008-01-31 -
-
-
ئامېرىكىلىق خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 3 - ئايدا شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىش پىلانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
فالۇڭگۇڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىلاھى غەزەل سەنئەت ئۆمىكى مەركىزى نيۇيوركتىكى خىتاي سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، يۈزلىگەن ئۇسۇلچى، ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلاردىن تەركىپ تاپقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكىنى، خىتايدا بىدئەت دەپ قاتتىق چەكلىنىۋاتقان فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دەپ قارايدۇ.
ھەقىقەتەن ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكى ئارتىسلىرىنىڭ بىر قىسمى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولۇپ، شىۋىتسىيىدىكى خىتاي فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى مەزكۈر ئۆمەكنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن قويۇشنى تەشكىللىگەن.
ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ۋە باشقا بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئويۇن كۆرسىتىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.
خىتاي تەرەپ فالۇڭگۇڭچىلاردىن تەركىپ تاپقان سەنئەتچىلەرنىڭ شۋېتسىيىدە ئويۇن كۆرسىتىشى، خىتاي بىلەن شۋېتسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ستوكھولم مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاينىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئىلاھى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى شۋېتسىيە دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى چەكلەش ۋە ياكى چەكلىمەسلىك يەنىلا شۋېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭجۇدا 4 مىڭ كىشى ئىش تاشلاپ يوللارغا توساقلارنى قۇردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپانى قورال- ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا ئۈندىمەكچى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى تاۋارلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا قىستىدى
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شىۋىتسىيە زىيارىتىنى رەسمى باشلىدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاي سودىسى ھەققىدە يېڭى سىياسەت بەلگىلىدى
- ئاق ساراينى قالايمىقان قىلغان فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ دىلوسى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلدى
- تىبەتلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىسپانىيىدە ئاچقان داۋاسى خىتاينىڭ نازۇك يېرىگە تەگدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى بۆلگەن فالۇنگوڭچى ئايال سوتقا چىقتى
- خىتاي فالۇنگۇڭنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى