فوشەندىكى ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 50 نەچچە كىشى يارىلاندى
2006.04.10
6- ئاپرىل كۈنى گۇاڭدۇڭدىكى 2000 دىن ئوشۇق دېھقان ساقچىلارنىڭ دېھقانلار رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى. نەتىجىدە يىغىلىشتىكى دېھقانلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاز دېگەندە 50 نەپەر دېھقان يارىلانغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەن رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى بۇ نامايىشچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 2000 غا يېقىن ساقچىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. ساقچىلار توقۇنۇشتىن كېيىن يەنە 10 غا يېقىن كىشىنى قولغا ئالغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقاننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر بۇ يېزىغا نۇرغۇن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ئىكەن. لېكىن دېھقانلار ئەمدى قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، يەنە داۋاملىق نامايىشقا چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بۇ نارازىلىقى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەردىكى 2000 مودىن ئوشۇق يەرنى يېڭى پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى قىلىپ ئېچىش پىلانى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى بۇنداق بولغاندا تېرىقچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بۇ يېزا ئاھالىلىرىغا 5/1 قىسىمدىنمۇ ئاز يەر قالىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانلار يەنە، ئۇلارنىڭ يەرلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن تۆلەم پۇللىرىغىمۇ رازى بولمىغان. ھۆكۈمەت ھەر بىر مو يەر ئۈچۈن 65 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن دېھقانلار بۇ يىل 3-ئايدا 6 نەپەر ۋەكىلىنى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئەرزنامىلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.