فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتاي رەھبەرلىرىگە سىياسى مەھبۇسلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى يەتكۈزدى


2004.10.10

فرانسىيە پرىزىدېنتى جاك شىراك، خىتاي دائىرىلىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى دىققەت قىلىۋاتقان خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى تاپشۇردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى فرانسىيە ئەلچىخانىسى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تىزىملىكنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرلىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ھەر قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا بېيجىڭ دائىرىلىرىگە تۈرمىدىكى سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى تاپشۇرىدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، شىراكنىڭ تىزىملىكىدە خىتاي دائىرىلىرى سىياسى سەۋەپلەردىن تۈرمىگە تاشلىغان 10 كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. بىراق تىزىملىكتىكى 10 كىشىنىڭ ئىسىم - شەرىپى مەخپىي تۇتۇلغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى شەخس بولۇش ئېئىھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رابىيە قادىر يېقىندا نورۋىگىيە رافتو جەمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ئامما ئۇ ھازىرغىچە تۈرمىدە ياتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى . شىراك يەكشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ شەنبە كۈنى خۇ جىڭتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەيۋان بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتايدىكى زىيارىتى جەرىيانىدا سىياسى مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى فرانسىيە بىلەن خىتاي يەكشەنبە كۈنگىچە ھەجىمى 4 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى ھەمكارلىق توختىمى ئىمزالىدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.